مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
1- سۇئالدا كەلگەن نامازنىڭ سانى بولسا خاتا ، چۈنكى ناماز ئەسلىدە 50 ئىدى ،
ئاندىن دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى مۇسۇلمانلارغا يەڭگىللىتىپ 5 نامازغا قالدۇرۇلغان
.
2- شەرىئەت ئەھكاملىرى ئىككىگە بۆلىنىدۇ : بەزىلىرى بولسا مەنىسى ئەقىل بىلەن
چۈشەنگىلى بولىدۇ ، بەزىلىرى بولسا نوقۇل ئىبادەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھىكمىتى بىزگە
يۇشۇرۇن ، كىتاب نە سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمايدۇ .
بىرىنچى مىسال :
ھاراق بىلەن قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشى ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە ئۇنىڭ ھارام
قىلىنىشىدىكى ھىكمىتىنى تىلغا ئالغان : « ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻫﺎﺭﺍﻕ، ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ
ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ
ﺗﻮﺳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ (ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ، ﻗﯩﻤﺎﺭﺩﯨﻦ) ﻳﺎﻧﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ » [ مائىدە(
داستىخان): 91 ] بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۇرغۇن .
ئىككىنچى مىسال :
پېشىننىڭ كۈن زاۋالدىن ئۆتكەندە بولۇشى ، مۇسۇلماننىڭ كەبىنى سولدىن ئايلىنىشى ،
ئالتۇننىڭ نىسابىنىڭ قېرقتىن بىر بولۇشى ،شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكەت بولۇشى . ئۇنىڭ
مىساللىرى نۇرغۇن .
سۇئالدا كەلگىنى بولسا ئىككىنچى تۈرگە ياتىدۇ ، يەنى ئۇنىڭ ھىكمىتىنى كىتاپ ياكى
سۈننەتتىن بىلەلمەيدىغانلىرىمىز بولۇپ ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىشىمىز لازىم .
ھەمدە بۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە ئەھكاملارغا ئورتاق .
مۇسۇلمان ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىكمىتىنى بايان قىلمىغان نىمىلەردە ئۆزىنى توختىتىشى ۋە
مۇئىمىنلەرگە ئوخشاش :« ئاڭلايمىز ۋە ئىتائەت قىلمىز » دىيىشى ، « ئاڭلايمىز ،
لىكىن بويسۇنمايمىز .» دەيدىغان بەنىي ئىسرائىلغا ئوخشاش بولماسلىقى كىرەك .
ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى : « ئۇ قىلغانلىرىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، ھالبۇكى
ئۇلار سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ . » قوبۇل قىلىش مۇئىمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭ دىنىي ۋە
دۇنياۋىي ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ياخشى ، چۈنكى ئۇ بىر پەرۋەردىگارى بار قۇل ، ھەمدە
قۇلنىڭ پەرۋەردىگارىدىن بىر نەرسىنى نىمىشقا بۇيرىغانلىقىنى سوراشقا ھوقۇقى يوق .
بەلكى ئۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم . ئەگەر ئۇ بىزگە
نىمەئۈچۈنلىكىنى ئېيىتسا ، ئۇنى قىلىشىمىز كىرەك ، ھەمدە ئەگەر ئۇ بىزگە نىمە
ئۈچۈنلىكىنى ئېيىتمىسا ، بىز يەنىلا ئۇنى قىلىشىمىز كىرەك .
3- « كۇۋەيت فىقھىي ئىنسىكىلوپىدىيە»(1\49-51) سىدە بۇ يەردە تىلغا ئىلىشقا
تىگىشلىك بىر ئىسىل سۆز بار :
بىز فىقھىي مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ بەلگىلىنىشىدىكى ھىكمەتنى بىلىش ياكى بىلمەسلىك
جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلىمىز :
1- مەنىسى ئەقىلگە چۈشىنىشلىك بولغان ئەھكاملار ، ئۇ يەنە سەۋەبى ئىنىق ئەھكاملار
دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، يەنى ئۇنىڭ بەلگىلىنىش ھىكمىتىنى يا بۇ ھىكمەت تېكىستلەردە بايان
قىلىنغانلىقتىن ، ياكى ئۇنى چۈشىنىپ يېتىش ئوڭاي بولغانلىقتىن بىلگىلى بولىدىغان
ئەھكاملار .
ھەمدە بۇ مەسىلىلەر ئاللاھ بەلگىلىگەن نىمىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ، مەسىلەن ، ناماز ،
زاكات ، روزا ۋە ھەجنىڭ ئومۇمى مەنىدە بەلگىلىنىشى ، ھەمدە تويلۇق ، ئاجرىشىش ياكى
تۇل قىلىشتىن كىيىنكى ئىددەت ، ئايالى ، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خراجەت
قىلىش ، نىكاھ تۇرمۇشى چىدۇغىسىز ھالەتتە بولۇپ قالغاندا ئاجرىشىش ، ۋە باشقا
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش فىقھىي مەسىلىلەر .
2- نوقۇل ئىبادەت سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن ئەھكاملار ، يەنى شۇ ئىش-ھەركەت بىلەن
ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش ئىنىق بولمىغان ئەھكاملار ، مەسىلەن ، نامازنىڭ
سانى ، رەكەت سانى ، ھەج ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى . ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى
بىلەن ، ئۇنداق ئەھكاملار ھىكمىتى ئەقلى جەھەتتىن چۈشىنىشلىك ئەھكاملارغا
سىلىشتۇرغاندا ئاز . بۇ ئەھكاملار كىشىنىڭ راست مۇئىمىن ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش
ئۈچۈن بەلگىلەنگەن . يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، شەرىئەت ئومۇمى
پىرىنسىپلىرى ۋە تارماقلىرى جەھەتتە ئەقىلگە زىت كىلىدىغان بىر نەرسىنى بىكىتمىدى ،
لىكىن ئۇ ئەقىل سەۋەبىنى چۈشىنەلمەيدىغان نەرسىلەرنى بەلگىلەيدۇ . ئىككىسىنىڭ
ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بار . ئەگەر كىشى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ دانالىقى ،
ھەمدە ئۇنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار دەپ ئىتراپ قىلىنشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ئەقلىي
جەھەتتىن قايىل بولغان بولسا ، ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىر راست پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلىي جەھەتتىن قايىل بولغان
بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھنىڭ پادىشاھ ۋە پەرۋەردىگارلىقىنى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ
قۇلى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدۇ . ئاندىن ئۇ مەلۇم ئىشقا بۇيرۇلسا ياكى مەلۇم ئىشنى
قىلىشتىن چەكلەنسە ،ھەمدە ئۇ ئاندىن : " مەن تاكى بۇ بۇيرۇق ياكى چەكلىمىنىڭ
ھىكمىتىنى بىلمىگۈچە بۇ ھۆكۈمگە ئەگەشمەيمەن " دىسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا
ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشەنگۈچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت دەۋاسىدا يالغانچىلىقىنى
ئىسپاتلىغان بولىدۇ . ئادەم ئەقلىنىڭ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان چېكى بار .
ئاللاھنىڭ نوقۇل ئىبادەت جەھەتتىكى ئەھكاملىرىغا قارشى چىققۇچى بىر كىسەلگە
ئوخشايدۇكى ، ئۇ بىر ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ قېشىغا بارىدۇ ، ئۇ ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك
دورىلارنى يىزىپ بىرىدۇ ، بەزىلىرى تاماقتىن بۇرۇن يېيىلىدۇ ، بەزىلىرى تاماق
جەريانىدا يېيىلىدۇ ۋە بەزىلىرى تاماقتىن كىيىن يېيىلىدۇ ، ھەر خىل مىقداردا ،
ئاندىن ئۇ دوختۇرغا : " مەن دورىڭىزنى تاكى سىز ماڭا نىمە ئۈچۈن بۇنىڭ تاماقتىن
بۇرۇن يېيىلىدىغانلىقى ، بۇنىڭ تاماقتىن كىيىن يېيىلىدىغانلىقى ، ۋە بۇنىڭ تاماق
جەريانىدا يېيىلىدىغانلىقى سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگىچە ، ھەمدە نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ
ھەر خىل مىقداردا ئىچىلىدىغانلىقىنى ، بەزىلىرىنىڭ كىچىك ، بەزىلىرىنىڭ چوڭلۇقىنى
چۈشەندۈرمىگىچە يىمەيمەن " دەيدۇ . بۇ بىمار دوختۇرغا راستىنلا ئىشىنەمدۇ ؟
ئوخشاشلا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ، ئاندىن
ھىكمىتىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئەھكاملارغا قارشى چىقىدىغان كىشىچۇ ؟ ھەقىقى
مۇئىمىن ئەگەر مەلۇم نەرسىگە بۇيرۇلسا ياكى مەلۇم نەرسىدىن توسۇلسا ، ئۇ : " مەن
ئاڭلايمەن ، مەن بويسۇنىمەن ." دەيدۇ ، بولۇپمۇ ئەقىلگە قارشى ئەھكاملارنىڭ
يوقلۇقىنى چۈشەندۈرگىنىمىزدە . مەلۇم نەرسىنى بىلمەسلىك ئۇنىڭ راست ئەمەسلىكىدىن
دىرەك بەرمەيدۇ . قانچىلىغان ئەھكاملار ، ئۇلاردىكى ھىكمەت ئىلگىرى بىزگە يۇشۇرۇن
ئىدى ، ئاندىن بىز ئۇلاردا چوڭ ھىكمەت بارلىقىنى بايقىمىدۇقمۇ ؟ چوشقا گۆشىنىڭ
ھارام قىلىنىشىدىكى ھىكمەت نۇرغۇن كىشىلەرگە نامەلۇم ئىدى ، ئاندىن بىز ئۇنىڭدا
باكتىرىيە ، كىسەللىك ۋە باشقا زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق ، ھەمدە
ئاللاھ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى ئۇلاردىن ساقلىماشنى ئىرادە قىلدى . ۋە شۇنىڭغا
ئوخشاش ئىت يالىغان قاچىلارنى يەتتە قىتىم يۇيۇشقا ، ئۇنىڭ بىرىنىڭ توپا بىلەن
بولۇشقا بۇيرۇلىشىمۇ ھەم .. . ھەمدە باشقا ئەھكاملارنىڭ ھىكمىتى گەرچە ھازىر بىزدىن
يۇشۇرۇن بولسىمۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بايقىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .